باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا چۇقۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 160 نامرات بالا ھەقسىز داۋالاندى

2013.05.17 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرپان ۋىلايىتىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ دوختۇرخانىسىغا چۇقۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىسىنى ھەقسىز داۋالىتىشقا ئېلىپ كەلگەن گۈلنىساخان جېلىل 13 – ماي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹دوختۇرلارنىڭ بالامنى ئۈچ يىل ئازابلىغان كېسەلنى ئون مىنۇتتىلا داۋالاپ ساقايتىپ قويىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا بىر تىيىنمۇ تۆلىمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، بىز بەك مىننەتدار بولدۇق››. ‹‹غەربىي رايوندىكى نامرات ئائىلىلەردىكى چۇقۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ساقايتىش پىلانى›› يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇشۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان 160 بالا بۇ پىلاندىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز داۋالاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى مىچۈەن – كۆكتاغ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى يى شىڭ مۇنداق دېدى: چۇقۇق كېسىلى شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان يەرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە قورساق قاتتىق ئاغرىش، ئۈچەي توسۇلۇش، ئۈچەي سېسىش قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

  ‹‹غەربىي رايوندىكى نامرات ئائىلىلەردىكى چۇقۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ساقايتىش پىلانى›› دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتى بىلەن غەربىي رايوندا ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان جامائەت پاراۋانلىق تۈرى بولۇپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئىككى ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان چۇقۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىلان 2012 – يىلى 5 – ئايدا يولغا قويۇلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى نامرات ئائىلىلەردىكى چۇقۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 160 بالا بۇ پىلاندىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى بولغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز داۋالانغان، ئوپېراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتى %100كە يەتكەن. بۇ كېسەل بالىلارنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ ئىللىتىش ئۈچۈن، بۇ دوختۇرخانا يەنە ھەر بىر كېسەل بالىغا 200 يۈەندىن تاماق بېلىتى بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە