باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى

2013.05.17 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا 15-ماي «گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى.

  قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا تەستىقلانغان «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى»دە، مەبلەغ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئازايتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتى تەستىق تۈرلىرىنى ئازايتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، سۈپەت-تېخنىكا ئىجازىتى ۋە ئېتىراپىنى ئازايتىش، قانۇنسىز، نامۇۋاپىق مەمۇرىي ھەق ۋە ھۆكۈمەت فوندى تۈرلىرىنى بىكار قىلىش لازىم، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن جەمئىي 117 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 71 مەمۇرىي تەستىق تۈرى بىكار قىلىندى، 20 مەمۇرىي تەستىق تۈرى باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە دەرىجىسى بويىچە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، 10 باھالاش-تەقدىرلەش تۈرى بىكار قىلىندى، 3 مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرى بىكار قىلىندى؛ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى ئورگانلار ئىچكى ئىشى ۋە مەخپىيەتلىكىگە تاقىلىدىغان 13 تۈر بىكار قىلىندى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى (بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ). ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 16 مەمۇرىي تەستىق تەستىق تۈرىنى بىكار قىلىش ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن بېكىتىلىپ، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە سۇنۇلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە