باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ئىيۇندا قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ

2013.05.20 14:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-ماي، شىنجاڭ كۇيتۈن تاشيول ئىدارىسى مايتاغ شۆبە ئىدارىسىدىكى يەتتەيلەن چوڭ تىپتىكى تۆت قار تازىلاش ئاپتوموبىلى بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 3400 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇز داۋانغا چىقىپ، قار تازىلاش خىزمىتىنى باشلىدى. كېيىنكى ئاينىڭ باشلىرى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ.

  17-ماي، كۇيتۈن تاشيول ئىدارىسى مايتاغ شۆبە شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى گوچياڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يولدا ئىيۇننىڭ باشلىرىدىن نويابىرغىچە قاتناش ئەسلىگە كېلىدىكەن، بۇ بەش ئايدا مايتاغدىن كۇچاغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار ئۈرۈمچىدىن ئۆتمىسىمۇ بولىدىكەن، سەپەرنىڭ يېرىمى تېجىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى(يەنە تەڭرىتاغ تاشيولى)نىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 562 كىلومېتىر ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە