باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

چاۋشيەن كورىيە بىلەن سۆزلىشىش-سۆزلەشمەسلىك ئۈستىدە ئويلاشماقتا

2013.05.17 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كورىيە ھۆكۈمىتى 14-ماي چاۋشيەننى كائېسوڭ سانائەت رايونى مەسلىسىدە ئىككى تەرەپلىك خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە رەسمىي تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭغا قارتا، چاۋشيەننىڭ كائېسوڭ سانائەت رايونى مەركىزى ئالاھىدە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 15-ماي كورىيە تەرەپنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئەيىبلىدى. بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش سۆزلەشمەسلىك، ھەمدە سۆزلىشىشنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئويلاشماقتا.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كورىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى 16-ماي كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالاھىدە ئەلچى سالاھىيىتى بىلەن چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ، كائېسوڭ سانائەت رايونى مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بۆسۈپ ئۆتۈش ئېغىشىنى تېپىپ چىقىپ، ئىشەنچ كۆۋرۈكى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە