باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

داۋىد بېكھام: بۇ مۇسابىقە مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۇتبول ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن

2013.05.20 16:16         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ۋاقتى 16-ماي كەچ ئېنگلاند پۇتبول باش ئۇيۇشمىسىنىڭ جاكارلىشىچە، دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى چولپان، ئېنگلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كوماندا باشلىقى داۋىد بېكھام بۇ مۇسابىقە مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىدىكەن. بېكھامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر پۇتبولچىلار ساھەسىدىن چېكىنىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق پەيت ئىكەن.

  بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ئوتتۇرا مەيدان چولپانى داۋىد بېكھام ئېنگلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 115 مەيدان خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، رېكورد ياراتقان.

  بېكھام مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ھازىر پۇتبولچىلىق ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت. مەن يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول مەيدانىدا كۆپ يىل جەڭ قىلدىم. مەن بارلىق كوماندا ئەزالىرىغا، مەن ئەگەشكەن ترېنېرلارغا ھەمدە مېنى قوللىغان بارلىق مەستانىلىرىمغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە