باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىللىق ‹‹جۇڭگو ساياھەت كۈنى››دە شىنجاڭدا بىر مىليون 800 مىڭ يۈەنلىك ساياھەت بېلىتى ھەقسىز تارقىتىلدى

2013.05.20 16:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-مايدىكى ‹‹جۇڭگو ساياھەت كۈنى››نىڭ شىنجاڭدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلار بىرلىكتە تارقاتقان ساياھەت ئىستېمال ھەقسىز بېلىتى، پۇل بېلەت، ئېتىبار بېلەتلىرىنىڭ قىممىتى بىر مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى شۇ كۈنى تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىستېمال بېلىتى بىلەن پۇل بېلىتىدىن جەمئىي 750 مىڭ يۈەنلىك تارقاتقان. بۇ قازاقلارنىڭ مىللىيچە ئۆرپ-ئادەت ھويلىسى، بوغدا كۆلى ساياھەت كېمىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئىستېمال تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ‹‹ساياھەت كۈنى››نىڭ شىنجاڭدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئېتىبار بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن. شىنجاڭ جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىپى نەق مەيداندا شەھەر ئاھالىلىرىگە چېگرىدىن چىقىش ئېتىبار بېلىتىدىن 400 مىڭ يۈەنلىك، دۆلەت ئىچى ساياھەت ئېتىبار بېلىتىدىن 240 مىڭ يۈەنلىك بېلەتنى تارقاتقان. شياڭگاڭ دېڭىز-ئوكيان باغچىسى قاتارلىق شياڭگاڭ ساياھەت كارخانىلىرى شىنجاڭ چېگرا سىرتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىغا ھاۋالە قىلىپ شىنجاڭدىكى شەھەر ئاھالىلىرىغا 40 مىڭ يۈەنلىك ھەقسىز تاماق تەقدىم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە