باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ياش-ئۆسمۈرلەر قىرغىزىستاندىكى جىنايى قىلمىشلاردىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالدى

2013.05.21 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىرغىزىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بازار مەۋجۇد ئەمەس، قىرغىزىستاننىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىدا خىزمەت يوق. دۆلەت بۇ ئەھۋالغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇڭا خەلق ئۆزى ھەلەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدا پەقەت بىرلا چىقىش يولى بولۇشى مۇمكىن، يەنى جىنايەت سادىر قىلىش. جەمئىيەتشۇناسلار ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇ دۆلەتتىكى كۆپ قىسىم ياشلار قاقتى-سوقتى قىلىشنى، قورال-ياراق، زەھەرلىك چىكىمىك توشۇشنى، ئەتكەسچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ سەمىمىي يول بىلەن پۇل تېپىشنى خالىمايدۇ.» دېدى. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ ئەندىشىسى ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس، قىرغىزىستاندىكى دۆلەت قانۇن ئىجىرا قىلىش ئورگىنىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بارغانسېرى كۆپيىىۋاتقان يېڭى تەشكىلاتلارنىڭ جىنايەت شايكىلىرى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاتامانلىرىنىڭ ھەممىسى «ياش رەھبەرلەر» ئىكەن.

  مەسىلەن، بىر تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى مەخسۇس ئوش ئوبلاستىنىڭ مەلۇم رايونىدا بۇلاڭچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىشقا مەجبۇرلىغان، بۇ كاتتىباشنىڭ ئىسىمى جىرمۇلات سۇلتان مۇلاتوف، لەقىمى «سونى» بولۇپ، جەمئىيەتكە بىپەرۋا قاراپ، چوڭ كۆلەمدە تەشكىللىك جىنايەت سادىر قىلىپ، بۇ رايوننىڭ مەخپىي رەھبىرى بولۇپ قالغان، ھازىرقى ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ رايوندىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىلگىرى بۇ تەشكىلاتنى ئاكتىپلىق بىلەن «قوغداپ قالغان» ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە