باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ جايلار مەمۇرىي خادىملارنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى بەس-بەستە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى

2013.05.20 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى ھەپتە تارقالغان خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىل جياڭسۇ ئۆلكىسى بىر قىسىم جايلارنى تاللاپ، مەمۇرىي خادىملارنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، فۇجيەندە تۇنجى تۈركۈمدە تەكلىپلىك تەيىنلەنگەن مەمۇرىي خادىملار جاڭجوۋ ۋە شيامېندا ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا چۈشكەن؛ گۇاڭشىمۇ يۇقىرى قاتلام خىزمەت ئورۇنلىرىغا مەمۇرىي خادىم تەكلىپ قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەمۇرىي خادىملارنى تەكلىپلىكتەيىنلەش تۈزۈمى نۆۋەتتە بىر خىل يۈزلىنىشكە ئايلانغان.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە مەمۇرىي خادىملارنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنىڭ مۇناسىپ چارىسىنى تۈزۈۋاتىدۇ ھەمدە مەملىكەت دائىرىسىدە نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ خىزمەت تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، دېگەن.

  مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەمۇرىي خادىملارنى تەكلىپلىك تەيىنلەش سىناق لايىھەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بولۇپ، سىناق قىلىنىدىغان تارماقلار ۋە تەمىنات قاتارلىق تەپسىلىي مەزمۇنلار تېخى تولۇق بېكىتىلمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە