نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپەيتمەكچى
2013.05.16 16:28 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-چېسلا گۇۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى چاقىردى. يىغىندا سىچۇەن لۇشەننىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق پەيتتە بايلاش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىنىپ، يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە