باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستان- قازاقىستان رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

2013.05.17 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايوف 15-ماي پىرېزىدېنت بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، قازاقىستان بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي تېخنىكا كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.

  قازاقىستان بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى. بۇندىن ئىلگىرى، قازاقىستان پارلامېنىتىدىكى يۇقىرى ۋە تۆۋەن پالاتا بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىغان، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قول قويغاندىن كىيىن، بۇ كېلىشىم قازاقىستاندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  قازاقىستان بىلەن رۇسىيە يېقىن ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئون نەچچە تۈرلۈك ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق ھۈججىتى ئىمزالاندى. رۇسىيە قازاقىستان ئۈچۈن كۆپلىگەن ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە قازاقىستاننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەتكە ئايلاندى. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە