باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر 6 مىليون 990 مىڭغا يېتىپ، دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى

2013.05.20 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 6 مىليون 990 مىڭ نەپەر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 190 مىڭى ئاشقان، شۇنداقلا بۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئەڭ كۆپ بىر يىل بولۇپ قالغان.

  داڭلىق تەكشۈرۈش ئورگىنى مايكوسنىڭ 2013-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 2013-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ماگىستىرلاردىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا توختاملاشقانلارنىڭ نىسبىتى %26 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %9 تۆۋەنلىگەن؛ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ %35 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %12 تۆۋەنلىگەن؛ ئالىي كەسپىي تېخنىكۇم مەكتەپلىرىنىڭ %32 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %13 تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە