باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئەنگىلىيەلىك قىزنىڭ تۆت بۆرىكى بارلىقى بايقالدى

2013.05.21 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېرفىي بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپى بىئارام بولغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 17-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە سالى شەھىرىدىكى سان ھېلىر دوختۇرخانىسىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر بىمار بايقالغان، بۇ ئايال بىمار سۈيدۈك يولى ياللۇغى بىلەن بالنىستتا ياتقان، دوختۇر ئۇنى داۋالاش جەريانىدا ئۇنىڭ تۆت تال بۆرىكى بارلىقىنى بايقىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بۇ بىمارنىڭ ئىسمى جېسسىكا كېرفىي بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن، بۇلتۇر ئۇنىڭ ئوڭ بىقىنى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن ياتاقداشلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ كېسىلى قوزغىلىشتىن نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئائىلە دوختۇرى ئۇنىڭغا سۈيدۈك يولى ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويغان، ئەمما سان ھېلىر دوختۇرخانىسى ئۇنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئوڭ بۆرىكىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 17 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۆسمىنى بايقىغان، 11 كۈندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشتە بۇ ئۆسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۆرەك ئىكەنلىكى، ھەمدە يۇقۇملانغانلىقىنى، دەرھال كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئېيىتقان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، دوختۇر ئوپراتسىيە جەريانىدا يەنە بىر بۆرەكنى بايقىغان. دېمەك، كېرفېينىڭ جەمئىي تۆت بۆرىكى بار ئىكەن.

  دوختۇر ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن : بىر بۆرەكتە ئىككى كىچىك بۆرەك ئۆسۈپ چىقىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، پۈتۈن دۇنيادا ئەمەلىي خاتىرىلەنگىنىمۇ 100 ئەتراپىدا.»

  ئىگىلىنىشىچە، كېرفېي ئوپراتسىيەدىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلگەن، ھەمدە بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 11-كۈنى پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەن، ھازىر ئۇ ئوقۇش بىلەن بىرگە يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئەنگىلىيە بۆرەك تەتقىقات ئورنى ئۈچۈن تەتقىقات مەبلىغى توپلاۋېتىپتۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە