باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچاڭ ھىندىستاندا نۇتۇق سۆزلىدى

2013.05.22 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:باش مىنىستىر لى كېچاڭ شۇ جاي ۋاقىتى 21-ماي ھىندىستان دۇنيا ئىشلىرى كومىتېتىدا «جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستىرادىگىيىلىك ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى، تاشقى سىياسىتىنى شەرھىلىدى، جۇڭگو -ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى.

  لى كېچاڭ مۇنداق دېدى:جۇڭگو-بىلەن ھىندىستان تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور قوشنىلار بولۇش سۈپىتى ئەسلىدىنلا ھەمكارلىق شېرىكى ھېسابلىنىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلايدۇ: قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزىگە نىسبەتەن زور پۇرسەت، دەپ بىلىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئاسىيانىڭ ھەمكارلىق يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يىتىلدۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى باشلامچىسى بولۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشى ئاسىيانىڭ، دۇنيانىڭ بەختى.

  لى كېچاڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادىكى تىنىچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ئېقىمىنى توسىۋالغىلى بولمايدۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۈنسايىن قەد كۆتۈرىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دۇنيادىكى ئىككى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش تەرەققىيات بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ. بىز مەۋقەنى بۈگۈنگە قويۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستىرادىگىيىلىك ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگەللىشىمىز كېرەك. ئىككى چوڭ مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرلۇشى يېڭى دەۋرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىككى چوڭ بازارنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشى يېڭى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى يېڭى ھەمكارلىق قېلىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئىككى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  لى كېچاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگونىڭ 30يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات قەدىمى تىنىچلىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ماڭغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، جۇڭگو دۇنيا تىنىچلىقىنىڭ مەڭگۈ قەتئىي قوغدىغۇچىسى، ھىندىستان قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رايوننىڭ تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا تېگىشلىك رول ئويناپ، ئاسىيا رايونىنىڭ تېنچ، تەرەققىي قىلغان، ھەمكارلىق قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىشنى خالايدۇ.

  لى كېچاڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەت خەلقى ھىمالايا تېغىنىڭ يان باغرىلىرىدا ياشايدۇ، لېكىن پۈتكۈل تاغ تىزمىسى بىر-بىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئومۇمىيەتكە نەزەر سېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغانلا بولسا، چوقۇم ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە