باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەندە H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى تارقىلىپ، 16 مىڭدىن ئارتۇق ئۆردەك ئۆلتۈرۈلدى

2013.05.21 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي پيۇڭياڭ بەرگەن خەۋىرى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 20-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەندە H5N1 تىپلىق دەسلەپكى قۇش زۇكىمى تارقىلىپ، نۆۋەتتە 16 مىڭدىن ئارتۇق ئۆردەك ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە كېيىنكى تەدبىرلەر داۋاملىق قوللىنىلماقتا.

  خەۋەردە دېيىلىشچە، چاۋشيەن مەركىزىي مال دوختۇرلۇق-يۇقۇم مۇداپىئە ئورنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسىنىڭ مال دۇختۇرلۇق تەتقىقاتخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار 7-چېسلا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پىڭراڭ دوۋتۈەن ئۆردەك فېرمىسىدىكى ئۆردەكلەرنىڭ پەسىل قۇشلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  خەۋەردە دېيىلىشچە، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، خەلقئارا مال دوختۇرلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرغان، ھەمدە مەزكۇر ئۆردەك فېرمىسىدىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈپ، فېرمىنى پېچەتلەپ، قاتتىق دېزىنفىكسىيەلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. (ۋاڭ لى خەۋىرىجۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە