باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.05.21 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ماي، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقى بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئىمزالىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق سىياسىتىنى ئاۋۋالقىدەكلا يولغا قويىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئىككى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى قاتارلىق زور مەسىلىلەردە بىر بىرىنى قوللىشى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ھەمكارلىقنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى شېرىكلەردىن بولىشى كېرەك.

  راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو ئەزەلدىن بىر بىرىگە سەمىمىي ئىشىنىپ، دوست ئۆتۈپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئۈلگە بولدى. تاجىكىستان جۇڭگونىڭ ئىشەنچىلىك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولۇش، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگوغا مەدەت بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە