باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە تاراتقۇلىرى: مېدۋېدېف يىل ئاخىرىغىچە ئىستېپا بېرىشى مۇمكىن

2013.05.22 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنىغا 21-ماي بىر يىل بولدى. مىدۋېدېف نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىللىق خىزمىتىگە لاياقەتلىك نومۇر بەردى، ھۆكۈمەت ئىقتىسادى نەتىجە جەھەتتە ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىش قىلدى، دېدى. لېكىن رۇسىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭ خۇلاسىسىنى ئېتىراپ قىلمىدى، بەزى تاراتقۇلار يەنە زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بولغان ئارلىق يىراقلاپ كەتكەنلىكتىن، مېدۋېدېف رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەت يىل ئاخىرىدا ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلىدى.

  رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنىغا 21-ماي بىر يىل بولدى. مىدۋېدېف نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىللىق خىزمىتىگە لاياقەتلىك نومۇر بەردى، ھۆكۈمەت ئىقتىسادى نەتىجە جەھەتتە ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىش قىلدى، دېدى. لېكىن رۇسىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭ خۇلاسىسىنى ئېتىراپ قىلمىدى، بەزى تاراتقۇلار يەنە زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بولغان ئارلىق يىراقلاپ كەتكەنلىكتىن، مېدۋېدېف رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەت يىل ئاخىرىدا ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلىدى.

  رۇسىيىدىكى «نۇقتىنەزەر گېزىتى» 20-ماي «كومىدىيەلىكى يوق» دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلدى، 19-ماي مىدۋېدىف سوچىدا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىلدىن بۇيان ئىقتىسادى ساھەدە ئالاھىدە كومېدىيەلىك ئەھۋال كۆرۈلمىدى، لېكىن ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن ماكرو ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى ئاۋۋالقىدەكلا نورمال، فىدىراتسىيەنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمى ئاساسەن دېگۈدەك نۆل بولدى، قەرز ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتىدە ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇردى. ئەگەر تاساددىپىيلىق يۈز بەرمىسە پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى ئالتە پرسەنىت ئەتراپىدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدىكى ئىپادىسى لاياقەتلىك. بولۇپمۇ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئازايتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى، %5.5لىك ئىشسىزلىق نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

  رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سولوۋىيوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: زۇڭلىنىڭ ئېيتقان نەتىجىلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مىدىۋىدىف ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىشلىرى بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىدىن رازى ئەمەس. رۇسىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتىمنى ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاران %1.6 ئېشىپ، ئىقتىسادى كىرزىسىتىن باشقا مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقى پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسى بۇندىن بۇرۇنقى %3.6 دىن %2.4 گە چۈشۈپ قالدى، دېدى. پۇتىن ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى،ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ئۇ ئۆز ئالدىغا كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەدبىرلىرىنى تۈزدى. رۇسىيە موسكۋا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2013-يىلى قىش پەسلى ئاياقلىشىشتىن بۇرۇن «ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولۇشى كېرەك ئىكەن» ئەگەر پۇتىن نەتىجىدىن رازى بولمىسا، مىدىۋېدىفنى ئالماشتۇرۇشقا تولۇق ھەقلىق ئىكەن.

  بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، پۇتىن يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن مالىيە مىنىستىرى كۇدلېننى مىدۋېدىفىنىڭ ئورنىغا قويۇشى مۇمكىن كۇدلىن 19-ماي تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنى ئىنكار قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن تېخنىكا خاراكتېرلىك زۇڭلى بولۇشنى ۋە باشقا سىياسىيونلارنىڭ ئىجراچىسى بولۇشىنى خالىمايمەن. رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىۋور كوۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا بولغانلىقتىن، خامچوت قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىدى. نۆۋەتتە رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوخشاشلا ناھايىتى مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ،قارار چىقارمىسا بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى، شۇڭا بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. رۇسىيە دۆلەت ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى بېركوۋىسىكى مۇنداق دېدى: كەلگۈسى ھۆكۈمەت مەغلۇبىيەتتىن يەنە مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ پۇتىننىڭ ھۆكۈمەتنى ئىستىپا بەرگۈزىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى زۇڭتۇڭ ئاجىز زۇڭلى ۋە ئاجىز ھۆكۈمەتنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە