- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ تىرىنىداد ۋە توباگو، كوستارىكا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ
2013.05.21 16:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 21-چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تىرىنىداد ۋە توباگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كارمونا، كوستارىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى چىنچىللا، مېكسىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى پېنا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31-مايدىن 6-ئىيۇنغىچە تىرىنىداد ۋە توباگو، كوستارىكا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە 7-ئىيۇندىن 8-ئىيۇنغىچە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئەنېنبورگ قورۇقىدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە