باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەردە مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى(1)

2013.05.22 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەردە يېقىندا مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى سۈركۈلۈش بىر قەدەر كۈچىيىشكە باشلاپ، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە يەنە بىر قېتىم داۋالغۇش پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋەزىيەت بۇ رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزدى}

  ھۆكۈمەتنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىنى مەنئى قىلىشىغا نارازى بولغانلىقتىن، تۇنىستىكى بىر توپ دىنى ئەسەبىيلەر 19-ماي پايتەخت ئەتراپىدىكى رايون بىلەن ئوتتۇرا قىسىمدىكى كايروۋان شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ، بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشنى ۋە 14 كىشىنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، بىر قىسىم دىنى ئەسەبىيلەر تۇنىسنىڭ پايتەختىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىۋى ئىمارەتلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئوت قويدى. ساقچىلار نەج مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقاردى ھەمدە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى تارقىتىۋەتتى. ئوتتۇرا قىسىمدىكى كايروۋان شەھىرىدە شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ شەھەردە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 11 ساقچى ۋە 3 نەپەر ئېتىراز بىلدۈرگۈچى يارىلانغان، 27 ياشلىق ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە: بۇ ئىش تېرىغۇچىلار تۇنىستىكى ئىسلام ئەسەبىي گۇرۇھى بولغان ئىسلام شەرىئىتىنى قوغدىغۇچىلار ئىكەن. بۇ گۇرۇھ ئەسلىدە شۇ كۈنى ئوتتۇرا قىسىمدىكى كايروۋان شەھىرىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان، بىراق تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىغىلىش دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەت قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، بىخەتەرلىك ۋە ئاممىۋى تەرتىپ قۇرۇلمىسىغا تەھدىت يەتكۈزىدۇ دەپ قاراپ، 17-ماي بۇ قېتىمقى يىغىلىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. تۇنىس باش مىنىستىرى راخائىد 19-ماي سۆز قىلىپ، بۇ ئىسلام ئەسەبىي گۇرۇھلىرى قانۇنسىز تەشكىلات ھەمدە تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن.

  تۇنىس دۆلەت جىددىلىك ھالەت قانۇننىغا ئاساسەن، يىغىلىش ئۆتكۈزۈشدە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. بۇ جىددىي ھالەت قانۇنىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سابىق باش مىنىستىر بىن ئەلى تۇيۇقسىز دۆلەتتىن ئايرىلىش ئالدىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، كۆپ قېتىم ئۇزارتىلىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. تۇنىس ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: نۆۋەتتە تۇنىسنىڭ پايتەختى تۇننۇس شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايون بىلەن ئوتتۇر قىسىمدىكى كايروۋان شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى تىنچلانغان، يىغىلىشنى مەنئى قىلىش ئۈچۈن كاريوۋان شەھىرىگە بارغان ساقچىلارمۇ چېكىنگەن.

【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە