باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ھىندىستان گېزىتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

2013.05.21 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 20- ماي ھىندىستاندا ھىندى دىنىي مۇرىتلىرى گېزىتى، ئويغىنىش گېزىتلىرىدە ھىمالايا تېغىدىن ھالقىغان قول ئېلىشىش ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت. تارىخ بىزنىڭ بىرگە مېڭىشىمىزنى بەلگىلىدى. 20-ماي ھىمالايا تېغىدىن ھالقىغان قول ئېلىشىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. جۇڭگو ھىندىستاننىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرمەكتە. ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنى خالايدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپىدىن كۆپ. ئىككى دۆلەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشى، بىر بىرسىگە قىزغانماسلىقى كېرەك. جۇڭگو ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت،شۇنداقلا تىنچلىققا ئىنتىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت. جۇڭگو ئۆز دۆلەت كۈچىگە مۇناسىپ كېلىدىغان خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئۈستىگە ئالىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق روھىي ھالەت بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىشنى خالايدۇ. دۇنيانىڭ جۇڭگوغا مۇلايىملىق بىلەن قارىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان نوپۇسى 2 مىليارد 500 مىليوندىن ئېشىپ، يەر شارى نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %40 نى ئىگىلەپ، ئەڭ مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دەپ قارالماقتا. ئۆتكەن يىلى ئىككى تەرەپلىك سودىسى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئورنىغا ماس كەلمەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمىنى قانداق قىلىپ زورايتىش بىزنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئورتاق تېمىمىز.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا ئاسىيانىڭ يەرشارنىڭ ئىقتىسادى ماتورىغا ئايلىنىشنى كۈتمەكتە. بۇ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۇلپارنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھىندىستان ئۈچۈن پۇرسەت. ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگو ئۈچۈن پۇرسەت. ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە جەزمەن بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا دۇنياغا كۆپلىگەن تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە