- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا 1-ئىيۇندىن باشلاپ ھەقىقىي ئىسىمغا بېلەت سېتىش%100 كە يېتىدۇ
2013.05.21 13:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ يولۇچىلار تىرانسپورت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ (بېلەت سېتىلغان كۈن)، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى ھەر قايسى يولۇچىلار بېكىتى، تۆمۈر يول ئىدارىسى ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسى، بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرىدە 18-ئىيۇننىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى پۈتۈنلەي ھەقىقىي ئىسىمغا سېتىلىدىكەن. بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقىي ئىسىمغا بېلەت سېتىش نۇقتىسىدىن 22 سى كۆپەيگەن.
شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارنى مۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ :«1-ئىيۇندىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق ۋوگزال ۋە تۆمۈر يول بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسىدا شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى بېكەتلەردىن ماڭىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئىناۋەتلىك سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.»
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە