باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن پەۋقۇلئاددە زور ئالتۇن كان بايقالدى

2013.05.21 15:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كاندىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن (ماتېرىيال سۈرەت)

  10 يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، يېقىندا شىنجاڭلىق گىيولوگىيە خادىملىرى كۈنەس ناھىيەسىدىن پەۋقۇلئاددە زور ئالتۇن كاننى بايقىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كاندىن 100 توننىدىن ئارتۇق ئالتۇن قازغىلى بولىدىغان بولۇپ، 20 مىليارد يۈەنلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىكەن.

  بۇ، شىنجاڭ گىيولوگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم غەربىي تەڭرىتاغ رايونىدىن بايقىغان چوڭ ئالتۇن كان ئىكەن.

  خەينەن مېيشېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن نوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كان رايونى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يىللىق ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 3 توننىغا يەتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 5000 توننا ئەتراپىدا مىس قېزىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۇمكىنكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە