- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تاكسېن: تايلاندنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىمىز
2013.05.20 16:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تاكسېن سىناۋات تۈنۈگۈن توردىكى ۋېدىئو ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تايلاندنىڭ بالدۇرراق ھەقىقىي دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تاكسېننى قوللايدىغان تايلاند ھاكىم مۇتلەقلىققا قارشى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ قوللىغۇچىلىردىن 50 مىڭ «قىزىل مايكىلىق» شۇ كۈنى بانكۇكتا ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى تاكسېن سۆزلەۋاتقان ۋېدىئو كۆرىنىشى سەھنىدىكى چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلدى، تاماشىبىنلار ئالقىش ياڭرىتىپ ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى.
تاكسېن ۋېدىئودا سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تايلاند ھەقىقىي دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرالمىسا، خەلق بولۇپمۇ نامراتلار ئىزچىل ھالدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. مەن ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ پارلامېنتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارالمىسىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى پارلامېنت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تاكسېن سۆزىدە ھاكىمىيەت يۈگۈرۈۋاتقان پارتىيە-تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان كەچۈرۈم قىلىش قانۇن لايىھەسىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:كەچۈرۈم قىلىش قانۇن لايىھەسى مېنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىپ ۋەتەنگە قايتىشىمنى مەقسەت قىلماستىن بەلكى بىگۇناھ خەلقنى قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى دىدا شۇ كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: دېموكراتىك ئىتتىپاق 2006-يىلىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ 2007-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە