باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراندا ئاياللارنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقى يوق

2013.05.20 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 17-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا، ئىراندىكى تەخمىنەن 30 نەپەر پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا تىزىملاتقان ئايال يەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قارشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن، سايلام تېخى باشلىماي تۇرۇپلا سايلىنىش ھوقۇقىدىن ۋە سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولغان.

  ئىران ئاساسى قانۇن نازارەت كومىتېتى (Guardian Council) دىكى تەكشۈرگۈچى خادىم ئاياتۇللاھ مۇھەممەد يازدى (Ayatollah Mohammad Yazdi) ئاياللارنىڭ پىرېزىدېنت بولىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇندىن بۇرۇنقى ئىران پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئاياللار زاپاس نامزاتلىققا تىزىملانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ نامزاتلارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ۋە شۇنداقلا ئاساسى قانۇننى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئىران ئاساسى قانۇن نازارەت كومىتېتىنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت ئەرلەرلا ئىگە بولالايدىكەن. ئاياللار پەقەت پارلامېنت ئەزاسىلىققا سايلىنىش ئۈچۈن سايلامغا قاتناشسا بولىدىكەن.

  ئىران ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاياتۇللاھ مۇھەممەد يازدىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، قانۇندا ئاياللارنىڭ پىرېزىدېنت بولىشىغا يول قويۇلمىغاچقا، ئاياللارنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىغىمۇ يول قويۇلماسلىقى كېرەك ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر جەمئىي 686 نەپەر كىشى ئىران پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقان، ئەڭ ئاخىرىدىكى نامزاتلار تىزىملىكى 21-ماي ئېلان قىلىنىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، پەقەت ئاز بىر قىسىملا كىشىلەر سايلامغا قاتنىشالايدىكەن.

  ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىران ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى خېلى چوڭ بولسىمۇ، بىراق ئاساسى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىمۇ ئاياللارنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى چەكلەنگەن. ئىران ئاساسى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت دىنى ساھەدىكى ۋە ياكى سىياسىي ساھەدىكى ئەرلەرلا پىرېزىدېنت بولسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە