جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:تايلاندتىكى ھاكىم مۇتلەقلىققا قارشى دېموكراتىك ئىتتىپاقنى قوللىغۇچى «قىزىل مايكىلىقلار» تۈنۈگۈن پايتەخت باڭكوكتا يىغىلىش ئۆتكۈزدى، يىغىلىشقا قاتناشقانلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭغا يەتتى، ئۇلار 2010-يىلى 19-ماي «قىزىل مايكىلىقلار» كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزگەن ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىشىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرلىدى.
2010-يىلى 12-مارتتىن 19-مايغىچە، «قىزىل مايكىلىقلار» باڭكوكتا كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش، سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت يىغىلىش مەزگىلىدە، يىغىلغۇچىلار ئارمىيە ۋە ساقچىلار بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشۇپ ئېغىر ئۆلۈم يېتىم كېلىپ چىقتى. يىغىلىش ئاياغلاشقان ئۈچ يىلدىن بۇيان «قىزىل مايكىلىقلار» ھەر يىلى 19-ماي يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەپ كەلدى.