- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ ھىندىستان زۇڭلىسى سىڭگې بىلەن سۆھبەتلەشتى
2013.05.20 16:20 مەنبە: خەلق تورى
 |
19-ماي، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېڭى دېھلىدا ھىندىستان زۇڭلىسى سىڭگې بىلەن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەتتە بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى) |
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي يېڭى دېھلىدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-ماي يېڭى دېھلىدا ھىندىستان زۇڭلىسى سىڭگې بىلەن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەتتە بولدى ھەمدە سىڭگې ئۆتكۈزگەن زىياپەتكە قاتناشتى. ئىككېيلەن جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى، جۇڭگو ۋە ھىندىستان مۇھىم قوشنا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ،گۈللەنمە بازارلىق دۆلەت. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ۋە مۇشۇ رايوننىڭ، ھەتتاكى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگەنىسبەتەن سائادەتلىك بىر ئىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە