- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلىتىمىزدە قالقانسىمان بەز كېسىلى بىمارلىرى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ كېسەل بولغانلىقىنى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن
2013.05.21 13:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جۇڭگو ساغلاملىق مائارىپ مەركىزى 20-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو ساغلاملىق مائارىپ مەركىزى قالقانسىمان بەز كېسەللىكى ئاممىۋى ساغلاملىق مائارىپ يېتەكچى گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، « 2013-يىللىق خەلقئارا قالقانسىمان بەز كېسىلى بىلىمىنى تەشۋىق قىلىش ھەپتىسى»نى باشلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قالقانسىمان بەز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئېشىپ ماڭغان بولۇپ، دىئابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىگە يېقىنلاپ قالغان ياكى ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن بىمار 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بىمار 90 مىليونغا يەتكەن، قالقانسىمان بەز تۈگۈنلىشىپ قالغان ۋە قالقانسىمان بەز راكى بىمارلىرى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ جۇڭگودا قالقانسىمان بەز كېسىلى بىمارلىرى ئىككى يۈز مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە