19-ماي، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو ساياھەت بايرىمى كۈنى»، جۇڭگو ساياھەت بايرىمىنى تەبرىكلەش، دولان مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، ساياھەت ئىدارىسى، رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «جۇڭگو ساياھەت بايرىمىنىڭ 2013-يىللىق ئۈجمە بايرىمى» 18-ماي ئاۋات دولانلىقلار مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.