باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 1 مىليۇن 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

2013.05.20 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:17-ماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇرىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشنىڭ تەسىرىدە قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ بارغان سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

  مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مىكنائوگتۇننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئېيتىشىچە، بۇ سان ئىيوردانىيە، لىۋان، تۈركىيە، ئىراق، مىسىر ۋە باشقا شىمالى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى رەسمىي تىزىملانغان ياكى تىزىملىتىش ئالدىدا تۇرغان سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بولۇپ، ئەمىلى سان بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

  مىكنائوگتۇن: «نۆۋەتتە، بۇ مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماددىي بۇيۇملارنىڭ سانى بىلەن ئەمىلى ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتىدۇ، ئۆتكەن 4 ئايدىكى ئەھۋالنى ئىلگىرىكى 20 ئايغا سېلىشتۇرغاندا ئەھۋال تېزدىن ناچارلاپ كەتتى»دېدى.

  مۇساپىرلار مەھكىمىسى 2012-يىلى 12-ئايدا 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى توپلاپ، 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا مىليون 100 مىڭ سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان. ئەمما ھازىر مۇساپىرلارنىڭ سانى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتىپ، مەبلەغ يېتىشمەسلىك كېلىپ چىققان، بۇ ئەھۋالغا قارىتا، مۇساپىرلار مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى جەنۋەدە يىغىن ئېچىپ، ياردەم بېرىش لايىھەسىنى قايتا تەڭشەشنى قارار قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە