- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن ئۇدا ئىككى كۈن ئىچىدە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن تۆتنى قويۇپ بەردى
ياپونىيە بىلەن كورېيە تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىڭىتتى
2013.05.20 16:33 مەنبە: خەلق تورى
كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن 18-چېسلا يېرىم ئارالنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 3نى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، 19-چېسلا يەنە بۇ دېڭىزغا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن يەنە بىرنى قويۇپ بەرگەن. تەھلىل قىلىنىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئارقا-ئارقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى ئۇنىڭ ھەربىي مانىۋېرىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئىشتىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن كورىيە تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىڭىتقان. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن 19-چېسلا چاۋشيەننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى توختىتىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە