باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

فۇكاڭ شەھىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش ئادەم قازا قىلدى

2013.05.21 15:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ماي شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھەرلىك ج خ قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 19-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا، فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىر يېزا تاشيولىدا ئىككى ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ، بەش ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان.

  يەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرىدىكى ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 19-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:40 ئەتراپىدا، فۇكاڭ شەھىرى چېگرىسى ئىچىدىكى زىنىچۈەنزى X132 نومۇرلۇق يېزا يولىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بىر پىكاپ ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، پىكاپتىكى بەش كىشى نەق مەيداندا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە