باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا زامانىۋى مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگىلىك كەنت(مەھەللە) بەرپا قىلىشقا تۆت مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ

2013.05.21 15:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

  ئۆز خەۋىرىمىز. 20-مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگىلىك كەنت(مەھەللە) تۈرىنى يولغا قويۇش يىغىنى ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە تۆت مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق 15 ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)دە زامانىۋى مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگىلىك كەنتتىن 30نى، زامانىۋى مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگىلىك مەھەللىدىن 10نى بەرپا قىلىدىكەن. بۇ تۈر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستقا مايىللاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ 12 ناھىيە(شەھىرى)سىدىكى 17 مەمۇرىي كەنتنى قاپلايدىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ھەر بىر مەمۇرىي كەنت(مەھەللە)كە 100 مىڭ يۈەن تۈر خىراجىتى ئاجرىتىلىدىكەن.

  يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنلىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئەلى قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش ئابدۇللا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئەلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: بىرىنچى، ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش؛ ئىككىنچى، تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خانىم-قىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئۈچىنچى، شارائىتى بولغان ئۈلگىلىك كەنت(مەھەللە)لەرگە ياردەملىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ يۆلەش مەبلىغىگە تايىنىپ، مەدەنىي تۇرمۇش كوچىسى بەرپا قىلىش؛ تۆتىنچى، ‹‹ئىناق ئائىلە›› بەرپا قىلىپ، ‹‹گۈزەل ئايال›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ بەشىنچى، ھويلا باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە