باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېشىل سەھىپىسىنى ئېچىش

سۈي يۈنيەن

2013.05.21 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش›› تەرەققىيات ئىدىيەسى، ‹‹بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› تەرەققىيات فاڭجېنى قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى ۋە تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كارتىنىسىدا ئەڭ تەسىرلىك ئىزنالارنى قالدۇرغۇسى.

  يېشىللىق ئىدىيەسى گۈزەل تاغ – دەريالارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغدايدۇ

  مايدا ئىلى دەرياسى ۋادىسى ئوت – چۆپ، گۈل – گىياھلارغا پۈركۈنۈپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بۇ زېمىننى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ، ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلماقتا.

  گۈزەل شىنجاڭ گۈزەل جۇڭگونىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ! بۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات خىتابنامىسى، شۇنداقلا شىنجاڭلىقلارنىڭ يېشىللىق ئىدىيەسى.

  تاغ – دەريالار، يېشىللىق، بوستانلىقلارمۇ بولۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاياغلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى، بوستانلىقلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى شىنجاڭ زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، يېشىللىق ئىدىيەسى شىنجاڭلىقلارنىڭ مۇستەھكەم ئورتاق تونۇشىغا، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدىكى كۈچلۈك پىرىنسىپقا ئايلىنىپ، قىلچە ئېغىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

  2011 – يىلى ئۆكتەبىردە، ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش›› يېڭى ئىدىيەسى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى.

  2011 – يىلى ۋە 2012 – يىلى ئاپتونوم رايون ئۇدا ئىككى يىل ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بايلىق ئېچىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ‹‹ئىككىدە سىجىل بولۇش›› تەرەققىيات يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى تەرەققىيات باھارىنى كۈتۈۋالدى.

  2013 – يىلى 30 – مارت، ئاپتونوم رايون ‹‹ئىشنى ئەتىيازدىن باشلاش، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتنىڭ بىرى بولغان ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى››نى باشلىدى، بۇ خىزمەت يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادروسى قىلىندى.

  ‹‹تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا قوغداش، قوغداش جەريانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش››، بۇ قاراشنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەتنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىدۇر.

  يېشىل تەرەققىي قىلىش تەرەققىيات سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ

  شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز، ‹‹12 – بەش يىل››دىكى ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېز ئېشىۋاتقان مەزگىلدە، يېڭى قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تاماملىنىدىغان ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش نىشانى غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى.

  ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ قاتتىق مۇھىت ئاسراش تەلىپى، تېخىمۇ كۆپ مۇھىت ئاسراش تەدبىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەت خاراكتېرلىك تەكلىپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال تەدبىر بەلگىلەشتە قوبۇل قىلىندى ۋە قوللىنىلدى.

  2012 – يىلى شىنجاڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىتىنى باھالاش، تەستىقلاش ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، مۇھىت باھالاشقا ئائىت ھۆججەتتىن 24 نى قايتۇرۇپ، ئۈچنى تەستىقلىمىدى، بۇ ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ھازىر شىنجاڭدا 16 نۇقتىلىق ساھە پىلانى ۋە رايون پىلانى، 20 نەچچە سانائەت رايونى، تەرەققىيات رايونى، چېگرا سودىسى رايونى پىلانىنىڭ مۇھىت باھالاش نەتىجىسى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش ۋە ئېچىش ئەندىزىسى، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ مۇھىت ئىجازىتىدە قوللىنىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىدى.

  يېشىل تۇرمۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

  2012 – يىلى قىشتا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسىنىڭ ‹‹كۆك ئاسمان ئارزۇسى›› ئاخىرى روياپقا چىقتى، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى 2012 – يىلى ‹‹كۆمۈر قالاشنى تەبىئىي گاز قالاش››قا ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان سەككىز چوڭ تۈردىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە دائىر 22 تۈر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن پار بىلەن تەمىنلەش باشلانغان مەزگىلدە، ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى 2011 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. پار بىلەن تەمىنلەش باشلانغاندىن كېيىن، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق نىسبىتىدىن %46.9 تۆۋەنلەپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى تىكلەپ، كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تىرىشىپ ياخشىلىدى.

  قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يىلدىن – يىلغا تۆۋەنلەپ، كىشىلەر مۇھىتنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئۈمىدىنى كۆردى.

  قەشقەر شەھىرىدىكى‹‹ئانا دەريا›› – تۈمەن دەرياسى بۇلغانغان دەريا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ھاياتىي كۈچى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، سۇ سۈپىتى ئىلگىركىⅤ دەرىجىدىن Ⅳ گە ئۆرلەپ، قەشقەر شەھىرى ئاھالىسىنىڭ سەيلە قىلىپ ئارام ئالىدىغان يېڭى مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى ھەم دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يەنە ئۈزلۈكسىز يېزىلارغا كېڭەيدى. 2011 – يىلى، 2012 – يىلى ئاپتونوم رايون يېزىلاردا تۇتاش تارماق رايونلارنى تۈزەش تۈرىدىن 241 نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 632 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، تۈر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھىت شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، 1 مىليون 330 مىڭ دېھقان – چارۋىچى بۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپ ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ نازىرى دولقۇن ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: ئاممىنى پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالالايدىغان، بىخەتەر يېمەكلىك يېيەلەيدىغان، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ياشىيالايدىغان قىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خەلق تۇرمۇشىنى كۆزلەپ مۇھىت ئاسرىغانلىق.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل ئىستېمال، تۆۋەن كاربونلۇق ئىستېمال ۋە مۇۋاپىق ئىستېمالنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش يولىدا دادىل قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە