باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ 83.2 پىرسەنتى نۆۋەتتىكى مەمۇرىي تەستىق رەسمىيىتى زىيادە مۇرەككەپ دەپ قارايدىكەن

2013.05.21 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  %56.4 كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدىكەن، %43.1 كىشى تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلغاندا خەلقنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش لازىم، دەپ قارايدىكەن

  مەمۇرىي تەستىق، مەمۇرىي ئىجازەتمۇ دېيىلىدۇ، ئۇ مەمۇرىي ئورگانلار پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەمۇرىي تەستىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ يېقىندا چاقىرىلغان دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، تۇنجى تۈركۈمدە 71 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئاساسىدا، يەنە 62 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قارار قىلىنغان. 2001-يىلىدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن 2497 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ بىكار قىلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتىكى مەمۇرىي تەستىق ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم دەپ كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە