باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش − جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئاساسى

نۇرمەمەت قادىر

2013.05.21 16:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: <<سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئاساسى>> دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا يەنە: دۆلىمىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھات – تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. چۈنكى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇش پارتىيەمىزنىڭ توغرا، ئىلمىي بولغان نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى. دۆلىتىمىز ھازىر سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي دۆلەت ئەھۋالى بەلگىلىگەن. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئادەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلمىغان، تاۋار ئىگىلىكى يۈكسىلىشتىن بۇرۇن بېسىپ ئۆتمىسەك بولمايدىغان ئالاھىدە مەزگىل بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە بولغان تارىخىي باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر ۋە خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدىغانلىقى، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي، مەنىۋى ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدەك ‹‹ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك›› سىياسىتى تەكىتلەندى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، شۇنداقلا ئامېرىكىدىن قالسىلا، دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاستا ئېشىشىنىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا مۇقىم سۈرئەتتە ئاشتى. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى، تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئىجتىمائىي كاپالەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا رىقابەت كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىياپىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنىلا تەكشىسىزلىك، ماسلاشماسلىق، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماسلىق مەسىلىلىرى گەۋدىلىك، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن، كەسىپ قۇرۇلمىسى ماسلاشمىغان، يېزا ئىگىلىك ئاساسى ئاجىز بولۇپ، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كەمچىلىكىمۇ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، دۆلىتىمىزنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا چوڭ.

  ئاساسىي گەۋدىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئىسلاھات بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، دۆلىتىمىز بايلىق، مۇھىت قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭى خىرىس ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلدى. بىز دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر ۋە خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدىغانلىقىدەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى تونۇساقلا، ئاندىن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز. يەنە سوتسىيالىزمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدىكى ھەر قايسى دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىپ، ئاندىن توغرا بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم، مۈشكۈل، ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز، جان – دىل بىلەن دۆلەت، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە