- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەيۋەن تاراتقۇلىرى: ما يىڭجيۇ دوكلات ئاڭلاۋېتىپ مۈگىدەپ قالدى
2013.05.22 16:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي خەۋىرى، تەيۋەن دۇڭسېن تېلېۋىزىيەسى ئاخبارات قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدا ئۇدا قارا يامغۇر ياغقان.بەلكىم نەچچە كۈندىن بېرى فىلىپپىن بىلەن بولغان تالاش-تارتىش ۋە تەبىئىي ئاپەتكە ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن دەپ بەك چارچاپ كەتكەن بولسا كېرەك، ما يىڭجيۇ 20-چىسىلا چۈشتىن بۇرۇن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ دوكلات ئاڭلاۋاتقاندا مۈگىدەپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالغان. مايىڭجيۇ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شيۇڭ گۇاڭخۇا سەمىمىيلىك بىلەن خەت يېزىلغان بىر قەغەزچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويۇپ، تاراتقۇلارنىڭ سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئويلىمىغان يەردىن قەغەزچىگە چوڭ قىلىپ يېزىلغان خەتلەر تاراتقۇلارنىڭ كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە