باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

19 ئۆلكە، شەھەر «12–بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى ئورۇنداپ بولدى

2013.05.22 15:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %75تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى
  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر 2010 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 3531نى تاماملاپ، ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 35 مىليارد 170 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹12 – بەش يىل››مەزگىلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئورۇنداپ بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھازىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئەمەلىيلەشكەن ياردەم مەبلىغى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلگەن 13 يىلدىن بۇيانقى مەبلەغ ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن كۆپرەكىگە تەڭ بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1977ى پۈتكەن.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %75 تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %95 تىن كۆپرەكى ناھىيە(شەھەر)دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلاملارغا ئىشلىتىلگەن. تۇرالغۇ، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق بىر تۈركۈم ياردەم تۈرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، ياردەمنى قوبۇل قىلغان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلىنىپ، يەرلىكنىڭ مائارىپ ۋە داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ياخشى ۋەزىيەت داۋاملاشقان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1065نى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تۈر 754 ، داۋاملىشىۋاتقان تۈر 311، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ياردەم مەبلىغى 11 مىليارد يۈەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە