- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2015-يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسىنى 460 قا يەتكۈزۈش پىلانلاندى
2013.05.22 15:20 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 21-ماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسى تەرەققىيات پىلانى (2013 ~ 2015)نى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 2015-يىلىغىچە ئاپتونوم رايوندا شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسىدىن 460 نەچچىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سانائەتكە مۇناسىۋەتلىك داڭلىق ماركىلاردىن 300 نەچچىسى، يېزا ئىگىلىككە ئائىت داڭلىق ماكىلاردىن 150 نەچچىسى، مۇلازىمەت كەسىپىگە ئائىت داڭلىق ماركىلاردىن 10 نەچچىسى بار ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە