باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىڭگىل ناھىيەسىدىكى 200 يىللىق كىچىك نۇسخىدىكى ‹‹قۇرئان كەرىم›› كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

2013.05.22 15:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسى سارتوقاي يېزىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، بىر كىچىك نۇسخىدىكى ‹‹قۇرئان كەرىم›› كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆرگەزمە پائالىيىتىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

  بۇ كىچىك نۇسخىدىكى ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3.3 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 2.2 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى تەخمىنەن 1.4 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن سەككىز گىرام كېلىدىكەن. پۈتۈن كىتاب 30 باب، 622 بەت بولۇپ، كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن قاتتىقلاشتۇرۇلغان تېرە قەغەزدىن ئىشلەنگەن، مۇقاۋىسىنىڭ ئۈستىگە ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى نەقىشلەر بېسىلغان. بۇ كىتاب ئالتۇن ئۈزۈكلەرنىڭ قېپىدەك قاپتا ساقلىنىدىغان بولۇپ، قاپنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭايتىش ئەينىكى ئورنىتىلغان، بۇ ئەينەك ‹‹قۇرئان كەرىم››نى ئوقۇغاندا ئىشلىتىلىدۇ. كۈمۈش قاپقىمۇ قويۇق ئىسلامچە گۈللۈك نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ، ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ كىچىك نۇسخىدىكى ‹‹قۇرئان كەرىم››نى ساقلىغۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كىتاب 200 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى كىشىلەر تىلتۇمار سۈپىتىدە بويۇنغا ئېسىۋېلىپ، قاچان ئوقۇغۇسى كەلسە شۇ چاغدا ئوقۇغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە