باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىشتىكى قىسمەن ئورۇنلارنىڭ كەسىپ دائىرىسى كېڭەيتىلدى

2013.05.22 15:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى 1011502 نومۇرلۇق خىزمەت ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ كەسپكە قويۇلىدىغان تەلىپى كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئاخبارات، نەشرىيات تۈرلىرى ئاساسىدا، يەنە جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى ئوقۇغانلارمۇ قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  20-ماي، ئاپتونوم رايوننىڭ 7760 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىشنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى سائەت 16 دىن 19 غىچە، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورىغا بىرلا ۋاقىتتا چىقىپ تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 26 مىڭ 505 گە يېتىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

  تىزىملىتىش خىزمىتى 27-ماي تاماملىنىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار خىزمەت ئورۇن تەلىپىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، تىزىملىتىش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە