باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىچۈەن لۇشەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى

2013.05.22 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ماي چۈشتىن كېيىن سىچۈەننىڭ لۇشەنگە بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ھەم ھال سورىدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار بىللە يوقلىدى.

  سىچۈەننىڭ لۇشەندە 20-ئاپرېل يەتتە بال قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال مۈلۈك زىيىنى بولدى. لۇشەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيى-ناھىيە بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان ئىدى. چېن دېچيوڭنىڭ ئائىلىسىدىكى سەككىز جان بىر چېدىردا تۇراتتى، شى جىنپىڭ يېمەكلىك، ئىچىملىك سۇ، يۇيۇنۇشتىن تارتىپ تولۇقلىما، توك ئىشلىتىش، سەھىيە ئەسلىھەلىرىگىچە تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، شى جىنپىڭ چېن دېچيوڭدىن قانداق قىيىنچىلىقلىرىڭلار بار دەپ سورىدى. باش سېكرېتار چېدىر پەقەت ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، بۇندىن كېيىن ئىشلار بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ، چېدىرلار بىر قەدەر زىچ بولۇپ قاپتۇ، ئوت ئاپىتىدىن ھوشيار بولۇڭلار دېدى.

  شى جىنپىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا مۇنداق دېدى: يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، مەن كۆپچىلىكنىڭ بەك غېمىنى قىلدىم. بۈگۈن يەر تەۋرىگەنگە بىر ئاي بولۇپتۇ، مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم. بىز يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1-غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق، كېيىنكى قەدەمدە ئىلمىي پىلانلاپ، ئىلمىي قايتا قۇرىمىز، قايتا قۇرۇش ئىمكانقەدەر تېز بولۇشى لازىم. بىز جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، بىخەتەر، گۈزەل، خاتىرجەم ماكانىمىزنى بىرلىكتە قايتا قۇرۇپ چىقىمىز.

  شى جىنپىڭ لوڭمېن يېزىسى شىڭلوڭ مەركىزىي مەكتىپىدە، 5-يىللىق 2-سىنىپنىڭ باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنىغا قاتناشتى. بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئالىم بولۇپ، ئۇچىدىغان ئۆي ياسىغۇم بار، بۇنداق بولغاندا، ئاپەتنىڭ خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. شى جىنپىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارزۇغا، تەسەۋۋۇرغا باي بولۇشى كېرەك. ئارزۇ بولغان ھەم ئەستايىل، ياخشى ئوقۇغاندىلا، ئاندىن ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دېدى.

  شى جىنپىڭ يەنە 2-يىللىق 1-سىنىپقا بېرىپ، مۇزىكا دەرسىنى ئاڭلىدى. بالىلار ئاپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شۇنداق سەبى، غۇبارسىز ئىدى، باش سېكرېتار بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر خۇشال بولساڭلار، مەنمۇ خۇشال بولىمەن. قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشى، قانداق ئاپەتكە ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، ئەۋلادلىرىمىزنى زىيان-زەخمەتتىن ساقلاش-بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.

  شى جىنپىڭ لوڭمېن يېزىسى چىڭلوڭچاڭ كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا تېرىلىۋاتقان ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ كۆممىقوناقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چىڭلوڭچاڭ كەنتى جياڭچېڭ مەيدانىغا بېرىپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسمىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم مۇنداق دېدى: سىلەر جاپا چەكتىڭلار! بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، سىلەر جەڭگىۋار قوشۇنلۇق ۋە زەربىدارلىق رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، خەتەرلىك پەيتتە خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ باتۇرانە خىسلىتىنى نامايان قىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭى تۆھپىلەرنى يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.،

  كەچتە، شى جىنپىڭ لۇشەن ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ چېدىر مەجلىسخانىسىدا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يىغىنىنى ئېچىپ، دوكلات ئاڭلىدى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە