
- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لەنجۇ ـ شىنجاڭ قوش رېلىسلىق تۆمۈر يولىدا 9-ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇش مۆلچەرلەنمەكتە
2013.05.22 16:26
قۇمۇلنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ـ لەنجۇ شىنجاڭ قوش رېلسلىق تۆمۈر يولىدا 2013-يىلى 9-ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇش مۆلچەرلەنمەكتە. 21-ماي، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، قومۇل بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇزلۇق بۇلاق شىمالىي قاتناش بېكىتىدىكى ئاچالدا شېغىل يېيىتىش باشلانغان.
ھازىرغىچە، لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولى قوش رېلىسلىق تۆمۈر يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى، تونېل بۆلىكى قۇرۇلۇشى تاماملانغان.
لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ قوش رېلسىلىق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن قورۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن ـ قومۇل تۈگۈنىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدا بۇلتۇر 11-ئايدا ئىش باشلانغان ئىدى، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9.4 كىلومېتىر بولۇپ، ياساشقا كېتىدىغان چىقىم 810 مىليۇن يۈەن بولغان، 4-ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە توپا ـ ياغاچ قۇرۇلۇشىنىڭ %80تىن كۆپرەكى ئورۇنلىنىپ بولغان، قومۇل بېكىتىنىڭ 2 كىلومېتىر ئارىلىقىدىكى قۇشۇمچە قۇرۇلۇشلارمۇ ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
eamil: uyghur@people.cn 010- 6536 8367/ 65
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved