باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەككىز نەپەر ئىرانلىق تاۋاپ قىلغۇچى ئىراندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

2013.05.22 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئىراق ساقچى تەرەپ 20-ماي، ئىرانلىق تاۋاپ قىلغۇچىلار ئولتۇرغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ شۇ كۈنى ئىراندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ سەككىز نەپەر ئىرانلىق تاۋاپ قىلغۇچىنىڭ پارتلاپ قازا قىلغانلىقىنى، 19 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيىتتى.

  ھەممىدىن خەۋەردار بىر ساقچىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىرانلىق تاۋاب قىلغۇچىلار ئولتۇرغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى باغدادنىڭ شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىراندىن كەلگەن بۇ تاۋاپ قىلغۇچىلار ساماررادىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى تىلاۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ باغدادقا قايتىۋاتقان ئىكەن.

  ھازىرچە ھىچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ پارتىلىتىش ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى.

  2003-يىلى سادام ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ھەر يىلى كۆپلىگەن ئىرانلىقلار ئىراقتىكى كەربالا، ناجىف ۋە ساماررا قاتارلىق جايلاردىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جايىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىدۇ. ئىراندىن كەلگەن تاۋاب قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق زوراۋانلىق ۋەقەسى دائىم يۈز بەرمەكتە.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىراقتىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باغدادنىڭ شىمالىدىكى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار توپلاشقان رايوندىكى بىر بازارنىڭ ئەتراپىدا 20-ماي ئاپتوموبىل بومبىسى پارتىلاپ، ئاز دىگەندىمۇ 12 ئادەم ئۆلگەن، 20 ئادەم يارىلانغان.

  ئىراق زۇڭلىسى مالىجى شۇ كۈنى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، ھەمدە بىر قاتار خادىملارنى ئالماشتۇرۇپ، ئىراقتىكى يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە