باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا 57 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى

2013.05.23 14:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلىدىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارىتا، ئالدىنقى تۆت ئايدا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئاپەتتىن قۇتقۇزشقا 57 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش باشقارمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىلدىن بېرى ئاپتونوم رايونىمىزدا قار ئاپىتى، يەر تەۋرەش، كەلكۈن، بوران-چاپقۇن، قۇم-توزان، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر توختىماي يۈز بېرىپ تۇرغان. ئالدىنقى تۆت ئايدا تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر ئاپتونوم رايونىمزدىكى 165 مىڭ كىشىنى تالاپەتكە ئۇچراتقان، 30 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 439 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل، سانجى، ئاقسۇ، ئىلى، تارباغاتاي، بورتالا، ئالتاي قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى 12 ناھىيە، شەھەردە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، تارباغاتاي، بايىنغولىن، قەشقەر قاتارلىق بەش ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى 10 ناھىيە، شەھەردە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن، بورتالا، ئالتايدا تۆۋەن تېمپېراتورىدا سۇغۇقتىن زەخمىلىنىش ئاپىتى يۈز بەرگەن، قومۇل، تۇرپان، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق 13 ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى 13 ناھىيە، شەھەردە قۇم-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى كۆپرەك يۈز بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە