باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى قارارى›› ئېلان قىلىندى

2013.05.23 14:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا 15 – ماي ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ بىرتۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى قارارى›› ئېلان قىلىندى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېت، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا تەستىقلانغان ‹‹ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى››دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: مەبلەغ تەستىقلاش ئىشلىرىنى، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرىنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئازايتىپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىشنى ئازايتىپ، قانۇنسىز، نامۇۋاپىق مەمۇرىي كەسپىي ھەق ئېلىش ۋە ھۆكۈمەت فوند تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق 117 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇلارنىڭ 71 ى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرى، 20 سى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىغان باشقۇرۇش قاتلىمى دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرى، ئونى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان سېلىشتۇرۇپ باھالاش، ئۆلچەمگە يېتىش، تەقدىرلەش تۈرى، ئۈچى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان مەمۇرىي كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرى؛ 13 (بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ)ى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىغان باشقۇرۇش قاتلىمى دەرىجىلىك ئورگان ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلار ۋە مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئىشلار. بۇلاردىن باشقا، يەنە 16 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش پىلانلاندى، بۇلار ئالاقىدار قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان، گوۋۇيۈەن قانۇنىي تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

  جايلار، تارماقلار باشقۇرۇش قاتلىمى دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەپ، داۋاملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش تەلىپى بويىچە، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق قاتارلىق ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش – چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن

  2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى گوۋۇيۈەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان سېلىشتۇرۇپ باھالاش، ئۆلچەمگە يېتىش، تەقدىرلەش تۈرلىرى كاتالوگى (ئون تۈر) گوۋۇيۈەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان مەمۇرىي كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرلىرى كاتالوگى (ئۈچ تۈر) گوۋۇيۈەن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغان باشقۇرۇش قاتلىمى دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى كاتالوگى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە