باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن: كورىيە 22-ماي قوش ئەجدىھا ناملىق مانېۋىر ئۆتكۈزدى

2013.05.23 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى قىسمى 22-مايدىن 24-مايغىچە پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايوندا «2013 قوش ئەجدىھا» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئايروپىلان، تانكا، زەمبىرەك قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ۋاستىسى ۋە زاپاس قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6000دىن كۆپىرەك ئەسكىرى كۈچ بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتناشقان، قىسىم يەنە زەمبىرەك بىلەن قارغا ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارىدىكەن.

  كورىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قوش ئەجدىھا ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۇرۇش بولغاندا زاپاس قىسىمنى ئارمىيە سېپىگە قوشۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئەمەلىي مانېۋىرى بولۇپ، بۇ ئېغىۋارگەرچىلىك ماھىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە