باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئەيىپلىدى

2013.05.23 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
بىلرۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋانشوننا تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندا، بىلرۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ دوكلاتتا كونا مۇقام توۋلىنىپ، چېكىدىن ئاشقان بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن تولۇپتۇ دېدى.

  ۋانشوننا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىلرۇسىيە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىغا قىزىقمايدۇ، چۈنكى بۇ پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغان ئىچكى ھۆججەت. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 2012-يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا: بىلرۇسىيە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى توستى دەپ ئەيىپلىنىپ، بىلرۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچلۈك ئېتىرازىنى قوزغىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە