- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەزەربەيجان چاۋشىيەن بىلەن قورال سودىسى قىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
2013.05.23 13:50 مەنبە: خەلق تورى
ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەلىمان ئابدۇللايىۋ 20-ماي مۇخبىرغا كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى ئەزەربەيجاننىڭ چاۋشىيەندىن قورال سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىگە قارىتا، «بۇ خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى.
ئابدۇللايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« باكۇ تەرەپ بۇ خەۋەرنىڭ قانداق قىلىپ ب د ت دوكلاتىغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ».
ئەزەربەيجاندىكى يەرلىك تاراتقۇلار خەلقئارادىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ 19-ماي چاۋشىيەننىڭ ئەزەربەيجانغا 70 يۈرۈش ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سىستېمىسىنى سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇچۇر ئاللىقاچان ب د ت مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ب د ت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان.
ب د ت ۋە ياۋروپا تىنىچلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارالمىسىغا ئاساسلانغاندا، ناگورنو-قاراباغ توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيەگە قورال سېتىش چەكلەنگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە