باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۈگۈن بېيجىڭدا تاكسى باھاسىنى تەڭشەش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلىدۇ

2013.05.23 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تاكسى باھاسىنى تەڭشەش ئىسپات ئاڭلاش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، باھا تەڭشەش لايىھەسى ئىككى خىل بولۇپ،بىرىدە ھەر كىلومېتىرىغا 2.3 يۈەن بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ، يەنە بىرىدە ھەر كىلومېتىرىغا 2.6 يۈەن بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ، ئىككىلا لايىھەدە ئەڭ تۆۋەن ھەق ئۆلچىمى 10 يۈەندىن 13 يۈەنگە ئۆستۈرلىدۇ.5-ئاينىڭ 23-كۈنى لايىھە توغرىسىدائىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىنىدۇ. سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، دۇ ياڭ فوتوسى

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ئېلان قىلغان كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، تاكسى باھاسىنى تەڭشەش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ،يىغىنىغا 10 نەپەر ئىستېمالچى قاتنىشىدۇ. تەھلىلچىلەر بېيجىڭدا تاكسى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى، ئەمما باھا ئۆسكەندىن كېيىن تاكسىدا توسۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل بولامدۇ-يوق، يەنە ئەمەلىيەتكە قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە