باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىغا قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ئاپتوموبىلى سەپلەپ بېرىلدى

2013.05.24 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:21-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاساسىي قاتلام ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىغا قانۇننى ئىجرا قىلىش مەخسۇس ئاپتوموبىلىدىن 87 نى تارقىتىپ بەردى. بۇ، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدا قانۇن ئىجرا قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىغا قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ئاپتوموبىلى سەپلەش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىدىكەن. 2011-يىلى، ئاپتونوم رايون مالىيەدىن 1 مىليون 680 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستقا قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ئاپتوموبىلىدىن 28 نى سەپلەپ بەرگەن . بۇ يىل يەنە قالغان 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ئاپتوموبىلىدىن 87 نى سەپلەپ بەرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى شىنجاڭدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش خىزمىتى بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم خىزمەت .ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ئاپتوموبىلىنىڭ سەپلىنىشى بىلەن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش خىزمەت ئۈنۈمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە