باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بەيياڭخې كان رايونىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2013.05.24 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەركىن ئىمىرباقى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
  چېن يىڭجۈ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى 20 – مايدىن 21 – مايغىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بەيياڭخې كان رايونىغا كېلىپ، بەيياڭخې كان رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  بەيياڭخې كان رايونىنى ئېچىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكىنى ئېچىپ، زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بەيياڭخې كان رايونىنى ئېچىش خىزمىتىگە باشلامچىلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەر قايسى تارماقلارنى مەخسۇس تۈرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋاقتىدا ئۇيۇشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى.

  ھازىر كان رايونى (سانائەت رايونى)نى ئېچىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېگى – تەكتىنى ئېنىقلاپ چىقتى؛ كان رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈش مۇددەتتىن بۇرۇن قانات يايدۇرۇلدى ؛ كان رايونىغا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەر تۈزۈپ چىقىلدى؛ سۇ باشلاش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەندى؛ خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، بىر تۈركۈم تايانچ كارخانىلار سانائەت رايونىغا ماكانلاشتى؛ بۇ كان رايونىدا تۆمۈريول، يول، ئېلېكتىر قاتارلىق ئۈل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئارقا – ئارقىدىن باشلاندى.

  ئەركىن ئىمىرباقى ئىككى كۈن ئىچىدە، قوبۇقسار سانائەت رايونى، بەيياڭخې كان رايونى، سۇ ئامبىرى ۋە سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كان رايونلىرى ۋە ئۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەركىن ئىمىرباقى بەيياڭخې كان رايونىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىشقا دائىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بەيياڭخې كان رايونىنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بەيياڭخې كان رايونىنى ئېچىشنى يۈكسەك تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جاڭ چۈنشيەن شۇجى كان رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىشلەپ، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، كان رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەستىقلاش خىزمىتىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. كان رايونىنى ئېچىش خىزمىتىنى شىنجاڭچە ئۈنۈم بىلەن پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ كان رايونىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى، غول يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى، رايون تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە